11
پېترۇسنىڭ «يات ئەللىكلەر»نىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى ئاقلىشى
روسۇللار ۋە پۈتكۈل يەھۇدىيەدىكى باشقا قېرىنداشلار يات ئەللىكلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇڭا، پېترۇس يېرۇسالېمغا قايتقاندا، خەتنىلىك بولغان ئىشەنگۈچىلەر ئۇنى ئەيىبكە بۇيرۇپ:
ــ سەن خەتنە قىلىنمىغان ئادەملەرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدۇڭ؟! ــ دېدى.
بىراق پېترۇس پۈتۈن ئىشنى باشتىن-ئاخىرىغىچە ئۇلارغا بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:
ــ يوپپا شەھىرىدە دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، غايىبانە كۆرۈنۈش مېنى ئورىۋېلىپ، بىر ئالامەتنى كۆردۈم. كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسە تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا ئاسماندىن چۈشۈپ، مېنىڭ يېنىمدا توختىدى. ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىسام، ئىچىدە ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، ياۋايى ھايۋاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ بار ئىكەن. ئاندىن: «ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن: «ياق رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھەرقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن!» دېدىم. بىراق ماڭا يەنە: «خۇدا ھالال دەپ پاكلىغان نەرسىنى سەن ھارام دېمە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. 10 بۇ ئىش ئۈچ قېتىم شۇنداق تەكرارلىنىپ، ئاخىر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسمانغا قايتىدىن تارتىپ كېتىلدى. 11 مانا دەل شۇ چاغدا، قەيسەرىيەدىن مېنى چاقىرىشقا ئەۋەتىلگەن ئۈچ كىشى مەن تۇرغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى. 12 مۇقەددەس روھ مېنى ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا بۇيرۇدى. مۇشۇ ئالتە قېرىنداشمۇ مەن بىلەن بىللە باردى. قەيسەرىيەگە يېتىپ كېلىپ، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق.    13 بۇ كىشى بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولۇپ تۇرغان بىر پەرىشتىنى قانداق كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: «سەن يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك بىر ئادەمنى چاقىرتىپ كەل، 14 ئۇ ساڭا سېنى ۋە پۈتكۈل ئائىلەڭگە نىجاتلىق يەتكۈزىدىغان بىر خەۋەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن.
15 مەن گەپنى باشلىغىنىمدا، مۇقەددەس روھ خۇددى باشتا بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشكىنىدەك، ئۇلارغىمۇ چۈشتى. 16 شۇ چاغدا، رەبنىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى: «يەھيا كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر» دېگىنىنى ئېسىمگە ئالدىم. 17 شۇڭا، ئەگەر خۇدا ئەمدى مۇشۇلارغا بىز رەب ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنىمىزدىن كېيىن بىزگە بەرگەن ئىلتىپاتقا ئوخشاش ئىلتىپات ئاتا قىلغان بولسا، خۇدانى توسالغۇدەك مەن زادى كىم ئىدىم؟
18 ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئەيىبلەشتىن توختاپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ:
ــ بەرھەق، خۇدا ئەللەرگىمۇ ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان توۋا قىلىشنى نېسىپ قىلىپتۇ! ــ دېيىشتى.
 
ئانتاكيا شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار
19 ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئىشى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەنلەر فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە ئانتاكيا شەھىرى قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ بېرىپ، بۇ جايلاردا سۆز-كالامنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى.    20 لېكىن ئۇلاردىن سىپرۇس ئارىلى ۋە كۇرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزىلەر ئانتاكيا شەھىرىگە بارغاندا، رەب ئەيسانىڭ خۇش خەۋىرىنى گرېكلەرگىمۇ يەتكۈزدى. 21 رەبنىڭ قولى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، تولىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىنىپ توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى.  
22 بۇ خەۋەر يېرۇسالېمدىكى جامائەتنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارناباسنى ئانتاكياغىچە ئارىلاپ ئۆتۈشكە ئەۋەتتى. 23 بارناباس يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جان-دىلىدىن قەتئىيلىك بىلەن رەبگە چىڭ باغلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى.    24 چۈنكى ئۇ مۇقەددەس روھقا ۋە ئىمان-ئىشەنچكە تولدۇرۇلغان بولۇپ، ياخشى بىر ئادەم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن زور بىر توپ ئادەملەر رەبگە قوشۇلدى.
25 شۇنىڭ بىلەن بارناباس تارسۇس شەھىرىگە سائۇلنى ئىزدەپ باردى. 26 ئۇنى تېپىپ ئانتاكياغا ئېلىپ كەلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئىككىيلەن جامائەت بىلەن بىللە ساق بىر يىل يىغىلىپ، نۇرغۇن ئادەمگە تەلىم بەردى. مۇخلىسلارنىڭ «خرىستىئانلار» دەپ تۇنجى ئاتىلىشى ئانتاكيادىن باشلاندى.
27 ئۇ كۈنلەردە بەزى پەيغەمبەرلەر يېرۇسالېمدىن ئانتاكياغا چۈشۈپ كەلدى. 28 بۇلاردىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىرەيلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، روھنىڭ ۋەھىيىنى يەتكۈزۈپ، قاتتىق بىر ئاچارچىلىقنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى باسىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى (بۇ ئاچارچىلىق دەرۋەقە «كلاۋدىيۇس قەيسەر» ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتا يۈز بەردى).    29 بۇنىڭ بىلەن ئانتاكيادىكى مۇخلىسلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قۇربىغا قاراپ پۇل يىغىپ، يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. 30 ئۇلار بۇ قارارنى ئادا قىلىپ، ئىئانىنى بارناباس ۋە سائۇلنىڭ قولى ئارقىلىق يەھۇدىيەدىكى جامائەت ئاقساقاللىرىغا يەتكۈزۈپ بەردى.
 
 
11:2 «يېرۇسالېمغا قايتقاندا» ــ گرېك تىلىدا «يېرۇسالېمغا چىققاندا» 11:3 مىس. 23‏:32؛ 34‏:15؛ قان. 7‏:2؛ يـۇھ. 18‏:28. 11:5 روس. 10‏:9. 11:8 لاۋ. 11‏:4؛ قان. 14‏:7. 11:12 «ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىش...» ــ ياكى «(يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەرنى) ھېچ ئايرىماي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىش...». «مۇشۇ ئالتە قېرىنداش» ــ شۈبھىسىزكى ياففا شەھىرىدىن كەلگەن ئالتە قېرىنداشنىڭ شۇ چاغدا پېترۇسنىڭ ھەمراھلىقىدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 11:12 روس. 10‏:19؛ 15‏:7. 11:14 «ئۇ ساڭا سېنى ۋە پۈتكۈل ئائىلەڭگە نىجاتلىق يەتكۈزىدىغان بىر خەۋەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن» ــ گرېك تىلىدا «ئۇ ساڭا سېنى ۋە پۈتكۈل ئائىلەڭگە قۇتقۇزۇش ۋاسىتە بولغان بىرنەچچە سۆزلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ». 11:15 «مۇقەددەس روھ خۇددى باشتا بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشكىنىدەك» ــ روسۇل پېترۇسنىڭ «باشتا» دېگەن سۆزىدىن ئېنىقكى، ئۇ ۋە باشقا ئېتىقادچىلارغا نىسبەتەن مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزلىرىگە كەلگەنلىكى تولۇق بىر يېڭى باشلىنىش بولغانىدى. 11:16 يەش. 44‏:3؛ يو. 2‏:28-29؛ مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:8؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:26؛ روس. 1‏:5؛ 2‏:4؛ 19‏:4. 11:17 روس. 15‏:9. 11:19 «زىيانكەشلىككە ئۇچراپ...» ــ گرېك تىلىدا «ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئۇچراپ...». «سىپرۇس ئارىلى ۋە ئانتاكيا شەھىرى قاتارلىق جايلار...» ــ بۇ ئانتاكيا «سۇرىيەدىكى ئانتاكيا» ئىدى. 11:19 روس. 8‏:1، 4. 11:20 «..رەب ئەيسانىڭ خۇش خەۋىرىنى گرېكلەرگىمۇ يەتكۈزدى» ــ «گرېكلەر» «يەھۇدىي ئەمەسلەر» ئىدى، ئەلۋەتتە. 11:21 «...توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى» ــ گرېك تىلىدا «...(«ئۆز يولىدىن») بۇرۇلۇپ رەبگە باغلاندى». 11:21 روس. 2‏:47؛ 5‏:14. 11:22 «... شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارناباسنى ئانتاكياغىچە ئارىلاپ ئۆتۈشكە ئەۋەتتى» ــ مەقسىتى بەلكىم، ئەھۋالنى بىلىپ بېقىپ، ھەقىقىي ئېتىقادچىلار بولسا ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئىدى. 11:23 «بارناباس ... خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆردى...» ــ بۇ دېگەنلىكنىڭ بەلكىم كۆپ جەھەتلىرى باردۇر: ــ (1) ئادەملەر ھەقىقەتەن توۋا قىلىپ رەبگە باغلانسا بۇ شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ زور نەتىجىسىدۇر؛ (2) خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ئېتىقادچىلاردا ھەرخىل مېۋە ــ مۇھەببەت، خۇشاللىق، خاتىرجەملىك قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ؛ (3) جامائەتنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشى پەقەت خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەنلا بولىدۇ. 11:23 روس. 13‏:43؛ 14‏:22. 11:24 روس. 4‏:36؛ 6‏:5. 11:25 روس. 9‏:27. 11:26 «مۇخلىسلارنىڭ «خرىستىئانلار» دەپ تۇنجى ئاتىلىشى ئانتاكيادىن باشلاندى» ــ «خرىستىئانلار» دېگەن سۆز بەلكىم ئاۋۋال «خرېستوس» («ئەخمەق» دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆزدىن كەلگەن مەسخىرە خاراكتېرىدىكى سۆز بولۇشى مۇمكىن؛ لېكىن ئاخىر بېرىپ ئاساسىي مەنىسى ياخشى چىقتى، يەنى «خرىستوسنىڭ (مەسىھنىڭ) ئادەملىرى». («مەسىھ» بولسا ئىبرانىي تىلىدا «ماشىياھ» ــ گرېك تىلىدا «خرىستوس»). 11:28 «ئاگابۇس... روھنىڭ ۋەھىيى بىلەن ئالدىن ئېيتتى» ــ «روھ» مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھ، ئەلۋەتتە. 11:28 روس. 21‏:10. 11:29 «بۇنىڭ بىلەن ئانتاكيادىكى مۇخلىسلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قۇربىغا قاراپ پۇل يىغىپ، يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى» ــ نېمىشقا ئۇلار يەھۇدىيەدىكى قېرىنداشلارغا ئالاھىدە ياردەم ئەۋەتمەكچى؟ (1) يەھۇدىي قېرىنداشلار ئاۋۋال خۇدانىڭ خىزمىتىنى ئالغا سۈرتۈش ئۈچۈن كۆپ يەرلەرنى سېتىۋەتكەنىدى («روس.» 2-باب)؛ (2) يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە بولغان زىيانكەشلىك بەك ئېغىر بولغاچقا، ئېتىقادچىلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى بەلكىم ئاز ئەمەس ئىدى. 11:30 روس. 12‏:25.